خەۋەرلەر
ئۇيغۇرچە تۈرلەر
تەرجىمە تۈرلىرى
ئىزدەش

تېكىسكىلاتنىڭJavaScript نۇسخىسى يېڭىلاندى.

بۇ قېتىملىق يېڭلاشتا، تور يۇزىدە ULY دىن كۆچۈرۈپ چاپلاش ئىقتدارىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، تور ئادرىسى ۋە ئىلىكتىرۇنلۇق خەت ئادرىسى ئادرىسلىرىنى تونۇش ئىقتىدارى قوشۇلدى. http, https, ftp قاتارلىق تېكىستلار بىلەن باشلانغان تور ئادرىسلىرى ۋە abc.xyz.com شەكلىدىكى ئۇيغۇر لاتىنچە يېزىقى ئىچىدە ئارلىشىپ كىلىدىغان تور ئادرىسىلىرى ۋە خەت ئادرىسلىرى ئىنگىلىزچە پېتى كۆچۈرۈلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا " ` " بەلگىسى (بۇ ~ بەلگىسى بىلەن بىر كونۇپكىغا جايلاشقان ھەرىپ، " بەلگىسى بىلەن بىللە جايلاشقان ' بەلگىسىدىن پەرىقلەندۈرۈڭ!) ئارقىلىق ئۆزگەرتىلمەي ساقلاپ قالماقچى بولغان تېكىستنى ئورىسڭېز، ئۇيغۇرچىغا ئايلاندۇرماي كۆچۈرۈلۈپ كىلىنىدۇ. مەسىلەن، `yahoo` دەپ يېىزلسا بۇ ئىبارە تەرجىمە قىلىنماي ئۆز پېتى كۆچۈرۈلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا Mozilla/FireFox تۈرىدىكى تور بەت كۆرگۈچلەر كۆچۈرۈلگەن تېكىستنى كۆرسەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئەسلى بۇ ئىقتىدار بۇلارغا كىرگۈزۈلمىگەن ئىدى. يېڭى نۇسخىدا بۇ تىپتىكى تور كۆرگۈچلەردە تەرجىمە قىلماقچى بولغان تېكىستنى ئاۋال تېكىست رايۇنىغا چاپلاپ، ئۇنى تاللىغاندىن كىيىن Ctrl-U بېسىلسا تەرجىمە قىلىپ ئالماشتۇرۇپ بېرىلىدىغان بولدى.

Maxthon ناملىق تور بەت كۆرگۈچتە Ctrl-K تور بەت كۆرگۈچ تەرىپىدىن توسۇلۇپ ئىشلىتىلگەچكە، بۇ تور كۆرگۈچتە بۇنىڭ ئورنىغا Ctrl-B قوللىنىلسا بولىدىغان قېىلىندى. بۇ باشقا تور بەت كۆرگۈچلەرگە (Internet Explorer, Mozill/Firefox) تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

تېكىستكىلاتنىڭ JavaScript نۇسخىسىنى بۇ بەتتە سىناپ كۆرەلەيسىز.

ۋاقتى: 2005-05-03 22:43:44، ئەۋەتكۈچى: ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﯪﺑﺪﯗﻟﻼ (muhammad)