خەۋەرلەر
ئۇيغۇرچە تۈرلەر
تەرجىمە تۈرلىرى
ئىزدەش

تېكىسكىلاتنىڭJavaScript نۇسخىسى يېڭىلاندى.

بۇ قېتىملىق يېڭلاشتا، تور يۇزىدە ULY دىن كۆچۈرۈپ چاپلاش ئىقتدارىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، تور ئادرىسى ۋە ئىلىكتىرۇنلۇق خەت ئادرىسى ئادرىسلىرىنى تونۇش ئىقتىدارى قوشۇلدى. http, https, ftp قاتارلىق تېكىستلار بىلەن باشلانغان تور ئادرىسلىرى ۋە abc.xyz.com شەكلىدىكى ئۇيغۇر لاتىنچە يېزىقى ئىچىدە ئارلىشىپ كىلىدىغان تور ئادرىسىلىرى ۋە خەت ئادرىسلىرى ئىنگىلىزچە پېتى كۆچۈرۈلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا " ` " بەلگىسى (بۇ ~ بەلگىسى بىلەن بىر كونۇپكىغا جايلاشقان ھەرىپ، " بەلگىسى بىلەن بىللە جايلاشقان ' بەلگىسىدىن پەرىقلەندۈرۈڭ!) ئارقىلىق ئۆزگەرتىلمەي ساقلاپ قالماقچى بولغان تېكىستنى ئورىسڭېز، ئۇيغۇرچىغا ئايلاندۇرماي كۆچۈرۈلۈپ كىلىنىدۇ. مەسىلەن، `yahoo` دەپ يېىزلسا بۇ ئىبارە تەرجىمە قىلىنماي ئۆز پېتى كۆچۈرۈلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا Mozilla/FireFox تۈرىدىكى تور بەت كۆرگۈچلەر كۆچۈرۈلگەن تېكىستنى كۆرسەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئەسلى بۇ ئىقتىدار بۇلارغا كىرگۈزۈلمىگەن ئىدى. يېڭى نۇسخىدا بۇ تىپتىكى تور كۆرگۈچلەردە تەرجىمە قىلماقچى بولغان تېكىستنى ئاۋال تېكىست رايۇنىغا چاپلاپ، ئۇنى تاللىغاندىن كىيىن Ctrl-U بېسىلسا تەرجىمە قىلىپ ئالماشتۇرۇپ بېرىلىدىغان بولدى.

Maxthon ناملىق تور بەت كۆرگۈچتە Ctrl-K تور بەت كۆرگۈچ تەرىپىدىن توسۇلۇپ ئىشلىتىلگەچكە، بۇ تور كۆرگۈچتە بۇنىڭ ئورنىغا Ctrl-B قوللىنىلسا بولىدىغان قېىلىندى. بۇ باشقا تور بەت كۆرگۈچلەرگە (Internet Explorer, Mozill/Firefox) تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

تېكىستكىلاتنىڭ JavaScript نۇسخىسىنى بۇ بەتتە سىناپ كۆرەلەيسىز.

ۋاقتى: 2005-05-03 22:43:44، ئەۋەتكۈچى: ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﯪﺑﺪﯗﻟﻼ (muhammad)


Linux مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە ئىشلتىش ماتىرىيالى ئىلان قىلىندى.

ئەزالارنىڭ ۋە باشقا قىزىققۇچىلارنىڭ تەكلىبىگە ئاساسەن Linux مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە بىر ئىشىلىتىش توغرىسىدىكى پايدىلىنىش ماتىرىيالىنىڭ بىرىنچى نۇسخىسى ئالدىن ئىلان قىلىنىدى. بۇ ماتىرىيالدا Linux مۇھىتىدا خەت نۇسخىلىرىنى قاچىلاش، ئۇيغۇرچە كونۇپكا ئورنۇتۇش ۋە يۇمشاق دىتاللاردا ئۇيغۇرچە ئىشلىتىش قاتارلىق تۇرلەردە دەسلەپكى قەدەمدە سۈرەتلەر بىلەن چۈشەنچە بىرىلىدى. ھۆججەتلەر دىگەن ئۇلىنىشقا بارسىڭېز بۇ ماتىرىيال توغرىسىدىكى ئۇلىنىشنى كۆرەلەيسىز. بۇ يەردىن بىۋاستە كۆرسىڭېزمۇ بولىدۇ.

ۋاقتى: 2005-04-19 23:56:33، ئەۋەتكۈچى: ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﯪﺑﺪﯗﻟﻼ (muhammad)


تېكىسكىلاتنىڭ C ۋە JavaScript نۇسخىسى ئىلان قىلىندى.

تېكىىسكىلاتنىڭ C ۋە JavaScript تىكى نۇسخىلىرى ئىلان قىلىندى.
  • C نۇسخىسىنى بۇ بەتتە سىناپ چۈشۈرەلەيسىز.
  • JavaScript نۇسخىسىنى بۇ بەتتە سىناپ چۈشۈرەلەيسىز.
تۈر بىتىگە بارسىڭېزمۇ بۇ بەتلەرنى ئۇلىنىش دىگەن تىما ئاستىدا تاپالايسىز.

ۋاقتى: 2005-04-06 23:13:06، ئەۋەتكۈچى: ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﯪﺑﺪﯗﻟﻼ (muhammad)


يۇلغۇن تور خەت سيستىمىسنىڭ مەنبە كودى ئىلان قىلىندى.

يۇلغۇن تورىدىكى تور خەت سيستىمىسنىڭ مەنبە كودى ھەقسىز ۋە ئاشكارە ئىلان قىلىنىدى. يۇلغۇن تور خەت سيستىمىسى 2004-يىلى 4-ئايدا تۈزۈلگەن. 9-ئايدا سىناق تۈردە ئېچىلىپ، 11-ئايدا ئاممىغا رەسمى ئېچىۋىتىلگەن. مەنبە كودنى تورخەت تۈر بىتىدە ياكى بۇ يەردىن چۈشۇرىۋالالايسىز.

ۋاقتى: 2005-04-05 09:39:21، ئەۋەتكۈچى: ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﯪﺑﺪﯗﻟﻼ (muhammad)


ھەسەل ھەرىسى تور كۆرگۈچىنىڭ مەنبە كودى ئىلان قىلىندى.

ھەسەل ھەرىسى تور كۆرگۈچنىڭ ئەسلى كۆدى ئاشكارا ۋە ھەقسىز تۈردە ئىلان قىلىندى. بۇ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال تۈزگۈچىلەرنىڭ ۋە يۇمشاق دىتال ھەۋەسكارلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئوچۇق ئىلان قىلىندى. ھەسەل ھەرىسى تور كۆرگۈچنىڭ بىرىنچى نۇسخىسى بىر ھەپتىلىك تۈزۈشتىن كىيىن 2004-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىلان قىلىنغان.

ھەسەل ھەرىسىنىڭ تۈر بىتىگە بارسىڭېز چۈشۈرىۋالالايسىز. بۇ يەردىن چۈشۇرسىڭېزمۇ بولىدۇ.

ۋاقتى: 2005-04-04 22:47:30، ئەۋەتكۈچى: ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﯪﺑﺪﯗﻟﻼ (muhammad)


تارىم تۈرلەر توپلىمى رەسمى ئېچىۋىتىلدى.

يۇلغۇن تورىدىكى تارىم تۈرلەر رەسمى ئىچىلدى. بۇ يۇلغۇن تۈر ۋە مەزمۇن باشقۇرۇش سيستىمىسدىن پايدىلىنپ باشقۇرۇلىدىغان ئۇنۋىرسال تۈر باشقۇرۇش ئورنى. يۇمشاق دىتال تۈزگۈچىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ھەمكارلىق كۈچەيتىش، يۇمشاق دىتال ياساش تەجرىبىسىنى كېڭەيتىش، كەڭ ئاممىغا قۇلايلىق سيستىملارنى ياساش مەقسەتلىرى بىلەن بۇ تۈرلەرنىڭ مەنبە كودى ھەقسىز ۋە ئاشكارا تارقىتىلىدۇ.

ۋاقتى: 2005-04-03 23:11:08، ئەۋەتكۈچى: ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﯪﺑﺪﯗﻟﻼ (muhammad)