Linux مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە ئىشلىتىش
ئاپتۇرى: مۇھەممەد ئابدۇللا
1. نۇسخىسى
قىسقىچى مەزمۇنى: بۇ ھۆججەتتە Linux مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە ئىشلىتىش ئۇسۇلى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز. جۈملىدىن، Linux مۇھىتىدا خەت نۇسخىسى قاچىلاش، ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسىنى ئورنۇتۇش ۋە ئىشلىتىش، ۋە ئەمىلى ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دىتاللاردا ئۇيغۇرچە قوللۇنۇش توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.
مۇندەرىجە
1. ئىشلىتىش رۇخسەتنامىسى
2. مۇقەددىمە
3. خەت نۇسخىسى قاچىلاش
4. ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش
1. ئىشلىتىش رۇخسەتنامىسى
يۇلغۇن تور بىكىتىدىكى بارلىق مەزمۇنلار ۋە يۇمشاق دىتاللارنى كىلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق جايدا ھەرقانداق ۋاستا بىلەن ئىشلەتسىڭىز ۋە تارقاتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئۆزگەرتىسڭىز، ئۆزگەرتكەن جايلارنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ. پايدىلىق ئۆزگەرتىشلەرنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز سىزدىن مىننەتدار بولىمىز. يۇلغۇن تور بىكىتى بۇ تىپتىكى ھۆججەتلەر ۋە يۇمشاق دىتاللارنىڭ ئىشىلىتىلىشىدىن كىلىپ چىققان زىيان-زەھمەتكە مەسئۇل بولمايدۇ.
2. مۇقەددىمە
Linux سيستىمىلىرى ھەقسىزلىقى، سۈپىتنىڭ بىر قەدەر يۇقىرلىقى، ئوچۇق مەنبەلىكلىگى (open-source)، يۇمشاق دىتاللارنىڭ موللىقى، كونا Unix سيستىمىلىرىغا يېقىنلىقى ۋە شۇ Unix سيستىملىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا ۋارىسلىق قىلغان ھالدا كىڭەيكەنلىگى تۈپەيلىدىن دۇنيادىكى ئىشلىتىلىش نىسبىتى بارا-بارا ئاشماقتا. ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپيۇتىردا بىر تەرەپ قىلىش ئالدىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە كۆپ ئىلگىرلەشلەرگە ئىرىشكەن بولسىمۇ Linux تىكى ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىش يەنىلا يىتىلىش باسقۇچىدا. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاپتۇر Linux ئىشلەتكۈچىلەرگە پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن بۇ ماتىريالنى يېزىپ چىقتى. ۋاقىت ۋە سەۋىيەنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلىدىن كەمچىلىك ۋە يىتەرسىزلىكلەرنىڭ بولىشى تەبىئى. پايدىلانغۇچىلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلەرنى بىرىشىنى قىزغىن ئالىمىز.
3. خەت نۇسخىسى قاچىلاش
خەت نۇسخىسى مەسلىسىنى توغرا ھەل قىلىش ئۇيغۇر يېزىقىنى كۆرسۈتۈشتىكى مۇھىم قەدەم. يېقىنقى Linux سيستىملىرى بىر قانچە خىل خەت نۇسخا تۈرلىرىنى ياخشى قوللايدۇ. بۇ يەردە پەقەت كۆپ ئىشلىتىلىدىغان Bitmap ۋە TrueType خەت نۇسخا تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
3.1 Bitmap تىپىدىكى خەت نۇسخىلىرىنى قاچىلاش
يۇقۇردا ئېيتىپ ئۆتكەن Bitmap خەت نۇسخا تۈرى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى Unix/Linux سيستىمىلىرىدا كۆپ ئىشلىتىلپ كىلىۋاتقان خەت نۇسخا تۈرلرىنىڭ بىرى. بۇ خىل خەت نۇسخا تۈرلىرىدە خەتنىڭ شەكلى نۇقتىلار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچكا قاچىلىنپ بولغاندىن كىيىن، سيستىمىغا بولغان تەلىبى تۆۋەن. ئەمما خەت چوڭلۇقى ئۆزگەرگەندە خەتنىڭ سۈپىتى تىزلا ناچارلىشىپ كىتىدۇ. بۇ خىل خەت نۇسخىلىرى ئادەتتە .bdf ياكى ئىخچاملانغان .pcf دىگەن ئۇزارتمىلار بىلەن ساقلىنىدۇ. Bitmap خەت نۇسخلىرىنى تۆۋەندىكى ئۇسۇلدا سيستىمىغا تونۇتۇش مۇمكىن. خەت نۇسخىسى قاچىلانغان مۇندەرىجىگە بېرىپ تۆۋەندىكى بۇيرۇقلارنى بەرسىڭىز، سيسىتىما شۇ مۇندەرىجىدىكى Bitmap خەت نۇسخىلىرىنى سيستىما دائىرسىدە قاچىلايدۇ:
$ mkfontdir
$ xset fp+ $PWD
$ xset fp rehash
بىرىنچى قۇردا mkfontdir دىگەن بۇيرۇق، ھازىرقى مۇندەرىجىدىكى bitmap خەت نۇسخىلىرى تونۇپ چىقىدۇ ۋە بىر ھۆججەتكە (كۆپنىچە fonts.dir ناملىق ھۆججەتكە) خاتىرلەيدۇ. ئىككىنچى قۇردا xset دىگەن بۇيرۇق بىلەن Unix/Linux سيستىمىلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان X كۆزنەك سيستىمىسىنىڭ (X Windows ) خەت نۇسخا يولىغا ھازىرقى مۇندەرىجىنى قوشۇمىز. ئۈچىنچى قۇردا خەت نۇسخا يولىنى يېڭىلايمىز.
مەسىلەن، تۆۋەندىكى بۇ خەت نۇسخىسى
(10x21.bdf)
ئىشلەتكۈچىنىڭ باش مۇندەرىجىسىنىڭ تېگىدىكى font دىگەن مۇندەرىجىگە قويۇلغان بولسا، يۇقارقى بۇيرۇقلارنى تۆۋەندىكى شەكىلدە بېرىش مۇمكىن:
$ pwd
/home/muhammad/font
$ ls
10x21.bdf
$ mkfontdir
$ ls
10x21.bdf fonts.dir
$ cat fonts.dir
1
10x21.bdf -arabeyes-fixed-medium-r-normal--20-200-75-75-c-100-iso10646-1
$ xset fp+ $PWD
$ xset fp rehash
بۇ يەردە بىز ئىشلىتىۋاتقان خەت نۇسخىسى ئەرەبچە ئۈچۈن تۈزۈلگەن، ئەمما ئۇيغۇرچىدىكى ھەرىپلەرمۇ تولۇق بار. بۇ خەت نۇسخىسىنى
بۇ يەردىن
چۈشۈرەلەيسىز.
بۇنى X كۆزنەك سيسىتىمىسىنىڭ xfd دىگەن خەت نۇسخا كۆرۈش پىروگىراممسى بىلەن تۆۋەندىكىدەك بۇرۇقنى بىرىپ كۆرگۈلى بولىدۇ:
$ xfd -fn -arabeyes-fixed-medium-r-normal--20-200-75-75-c-100-iso10646-1
بۇنىڭدىن تۆۋەندىكى ئىكران كۆرۈنۈشىگە ئىرىشىمىز:
بۇ ئۇشبۇ خەت نۇسخىسىنى سيستىمىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسۈتۈدۇ.ئەمدى ئۇيغۇرچىنى كۆرسۈتۈش ئۈچۈن بىزگە مۇۋاپىق بۇيرۇق كۆزنىكى (terminal) كىرەك.
3.2 بۇيرۇق كۆزنىكى تەييارلاش
3.1 پاراگىرافتا bitmap خەت نۇسخىسىنى قانداق قاچىلاش توغرىسىدا توختالدۇق.
ئەمدى بۇ خىل خەت نۇسخىسىنى قانداق قىلىپ بۇيرۇق كۆزنىكىدە ئىشلىتىش توغرىسىدا توختىلىمىز.
ئادەتتە Linux سيستىمىلىرىدا xterm, gnome-terminal قاتارلىق بىرقانچە خىل بۇيرۇق كۆزنەكلىرى
بىللە كىلىدۇ. ئەمما بۇ كۆزنەكلەر ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىشىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمايدۇ.
تۆۋەندىكىسى gnome-terminal نىڭ بىر سىناق جۈملىنى كۆرسىتىش ئەھۋالى. ئۇيغۇرچە ھەرىپلەرنىڭ
ئۇلىنىشى توغرا بولمايلا قالماستىن ھەرىپ تەرتىبى تەتۈر كۆرۈنۈدۇ:
بۇ مەسىلىنى mlterm دەپ ئاتالغان كۆپ تىللىق بۇيرۇق كۆزنىكى (multi-lingual terminal) بىلەن
توغرا ھەل قىلغىلى بولىدۇ. mlterm يەنە fribidi دىگەن Unicode قوش يۆنۈلۈشلۈك ئالگوزىمنى
بىجىرىدىغان ئىسكىلاتقا مۇھتاج. fribidi نى
بۇ يەردىن
چۈشۈرۇڭ. mlterm نى قاچىلاشتىن بۇرۇن fribidi نى چۈشۈرگەن جايدا تۆۋەندىكى بۇيرۇقلار بىلەن قاچىلاڭ
(ئاز دىگەندە make install دىگەن قىسىمى يىلتىز يەنى root ھالەتتە ئىجرا قىلىنىشى كىرەك):
root% gunzip fribidi-0.10.4.tar.gz
root% tar -xvf fribidi-0.10.4.tar
root% cd fribidi-0.10.4
root% ./configure
root% make
root% make install
بۇ fribidi پىروگىراممىسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن mlterm نى
بۇ يەردىن
چۈشۈرۈپ، تۆۋەندىكى بۇيرۇقلار بىلەن قاچىلاڭ
(ئاز دىگەندە make install دىگەن قىسىمى يىلتىز يەنى root ھالەتتە ئىجرا قىلىنىشى كىرەك):
root% gunzip mlterm-2.9.2.tar.gz
root% tar -xvf mlterm-2.9.2.tar
root% cd mlterm-2.9.2
root% ./configure --enable-fribidi
root% make
root% make install
دىققەت: mlterm نىڭ تور بىتى
mlterm.sourceforge.net
دىگەن ئورۇندا بولۇپ، «ئە» ھەرىپى توغرا ئۇلانمىغاچقا بۇ ھۆججەتنىڭ ئاپتۇرى بىر قىسىم جايلارنى
ئۆزگەرتىپ بۇ مەسىلىنى توغرىلىدى. شۇڭا بىۋاستە يۇقارقى تور بەتتىن چۈشۈرسىڭىز، «ئە» ھەرىپى
توغرا ئۇلانمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا «لا» قوشما ھەرىپى گەرچە ئەسلىدىكى نۇسخىدا توغرا ئۇلانسىمۇ،
تەھرىرلىگەندە «لا» كەلگەن قۇرلاردا كۆرۈنگەن تاياقچە بىلەن ھەرىپنىڭ ئەمىلى ئورنى ماس
كەلمەيدىغان خاتالىقنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن، بۇ يەردە قويۇلغان يەرلىك نۇسخىسىدا «لا» ھەرىپى
ئۇلانمايدىغان قىلىۋىتىلدى. بۇ مەسىلىنى بۇ پىروگىراممىنىڭ تۈزگۈچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىىپ
ھەل قىلىىش پىلانلانماقتا. بۇنىڭدىن كىيىن ئوزىڭىزنىڭ باش مۇندەرىجىڭىزگە بېرىپ تۆۋەندىكى
مۇندەرىجە ۋە ھۆججەتلەرنى تۆۋەندە كۆرسۈتۈلگەندەك قوشۇڭ:
$ cd
$ mkdir .mlterm
$ cd .mlterm
$ echo 'ISO10646_UCS2_1 = 20,-arabeyes-fixed-medium-r-normal--20-200-75-75-c-100-iso10646-1' > font
$ echo 'ENCODING = utf8' > main
$ echo 'fontsize = 20' >> main
بۇ يەردىكى مەقسەت، سىزنىڭ باش مۇندەرىجىڭىزنىڭ ئاستىدا
.mlterm
دىگەن بىر مۇندەرىجە ھاسىل قىلىپ (بېشىدىكى چىكىتكە دىققەت قىلىڭ)، شۇ مۇندەرىجىنىڭ ئىچىگە
تۆۋەندىكى مەزمۇندا بىر main دىگەن ھۆججەت يېزىش:
ENCODING = utf8
fontsize = 20
ۋە تۆۋەندىكى مەزمۇندا بىر font دىگەن ھۆججەت يېزىش:
ISO10646_UCS2_1 = 20,-arabeyes-fixed-medium-r-normal--20-200-75-75-c-100-iso10646-1
شۇنىڭ بىلەن بۇ پىروگىراممىنى تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن قوزغىتىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ:
$ mlterm &
ئەمىليەتتە سىز كۆرۈۋاتقان مۇشۇ تور بەتتى بۇ قىسىمىلىرىنى بۇ پىروگىراممىنىڭ
ئاستىدا VIM پىروگىراممىسى ئارقىلىپ كىرگۈزۈپ چىققان، بېشى يۇلغۇن تەھرىرلگۈچتە كىرگۈزۈلگەن.
تۆۋەندىكى سۈرەت سىز كۆرۈۋاتقان مۇشۇ تور بەتنى mlterm ئاستىدا تەھرىرلەش كۆرۈنۈشى:
بۇنىڭدىن باشقا بۇيرۇق كۆزنىكىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش، ھۆججەت ۋە مۇندەرىجىلەرگە
ئۇيغۇرچە نام ئىشلىتىشكە بولىدۇ. تۆۋەندىكى سۈرەت ئۇيغۇرچە مۇندەرىجە ۋە ئۇيغۇرچە
ھۆججەتلەرنى ئىشلىتىش كۆرۈنىشى. بۇ پەقەت بۇ ئىقتىدارنى كۆرسۈتۈش ئۈچۈن بىرىلدى.
ھازىر بىر قىسىم پىروگىراممىلار بۇنى تولۇق قوللىمىغاچقا، ئۇيغۇرچە مۇندەرىجە
ياكى ھۆججەت ئىسىملىرىنى Linux مۇھىتىدا ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
3.3 TrueType تىپدىكى خەت نۇسخىلىرىنى قاچىلاش
بۇ تىپتىكى (TrueType) خەت نۇسخىلىرى ئەسلى ئالما (Apple) كومپىيوتىر شىركىتى تەرىپىدىن كىرگۈزۈلگەن
بولۇپ، كىيىن Microsoft شىركىتى رۇخسەتنامىسىنى سېتىۋېىلىپ Windows كومپىيوتىرلىرىغا ئىشلەتكەندىن
كىيىن، كەڭ ئىشلىتىلىشكە ئېرىشتى. بۇ خىل خەت نۇسخىلىرى bitmap خەت نۇسخىلىرىغا ئوخشاش نۇقتا
ئارقىلىپ ھەرىپ-بەلگىلەرنى ئىپادىلىمەستىن، خەتنىڭ سىرتقى شەكلىنى كۇۋادىراتلىق تەڭلىمىلەر ئارقىلىق
ئىپادىلەيدۇ. سيستىما بۇلار ئارقىلىق خەتنىڭ چوڭ كىچىكىلىگە ئاساسەن نۇقتىلىق ئىپادىلەش شەكلىنى
تېىپ كۆرسۈتۈدۇ. بۇنىڭ سيستىما بولغان تەلىپى يۇقىرى، ئەمما خەت ھەرخىل چوڭلۇقتا كۆركەم كۆرۈنۈدۇ.
لىنىكىس (Linux) سيستىملىرىنىڭ TrueType تۈرىدىكى خەت نۇسخىلىرىغا بولغان قوللىشى يېقىنقى يىللاردىن
بۇيان كۆپ ياخشىلاندى. گەرچە لىنىكىس سيستىمىلاردا TrueType سيستىمىغا تونۇتۇشنىڭ كۆپ شەكىللىرى،
مەسىلەن، ttmkfdir قاتارلىقلار، ئېيتىلغان بولسىمۇ، ئاپتۇر fontconfig پىروگىراممىسىنى بىرقەدەر
ئىقتىدارلىق دەپ بايقىدى. بۇ پىروگىراممىنى
بۇ يەردىن
چۈشۈرۈپ، تۆۋەندىكى بۇيرۇقلار بىلەن قاچىلىسىڭىز بولىدۇ:
(ئاز دىگەندە make install دىگەن قىسىمى يىلتىز يەنى root ھالەتتە ئىجرا قىلىنىشى كىرەك):
root% gunzip fontconfig-2.3.0.tar.gz
root% tar -xvf fontconfig-2.3.0.tar
root% cd fontconfig-2.3.0
root% ./configure --sysconfdir=/etc --prefix=/usr --mandir=/usr/share/man
root% make
root% make install
ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆزىڭىزنىڭ باش مۇندەرىجىڭىزگە بېرىپ
.fonts
دىگەن بىر مۇندەرىجە ئېچىپ، خەت نۇسخا ھۆججەتلىرىنى شۇ مۇندەرىجىگە قاچىلايسىز. مەسىلەن:
$ cd
$ mkdir .fonts
$ cp UKIJTuT.ttf .fonts
$ cp UKIJNsq.ttf .fonts
باشقا ھۆججەتلەرنىمۇ ئۈچىنچى قۇردىكى بۇيرۇققا ئوخشاش قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا بۇ خەت
نۇسخىلىرى سىزگىلا ھازىرلىنىدۇ. سىستىما دائىرىسىدە قاچىلاش ئۈچۈن
/etc/fonts/fonts.conf
ھۆججىتىدە كۆرسۈتۈلگەن باش مۇندەرىجىلەرنىڭ بىرىگە قويسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، ئاپتۇرنىڭ
لىنىكىس كومپىيۇتىرىدا بۇ ھۆججەتنىڭ مۇندەرىجە قىسمى مۇنداق يېزىلغان (بۇ fontconfig پىروگىراممىسى
قاچىلانغان چاغدا ئاپتۇماتىك يېزىلىدۇ):
<dir>/usr/share/fonts</dir>
<dir>/usr/local/share/fonts/truetype</dir>
<dir>/usr/X11R6/lib/X11/fonts/Type1</dir>
<dir>/usr/X11R6/lib/X11/fonts/OTF</dir>
<dir>~/.fonts</dir>
ئەڭ ئاخىرقى قۇردىكى
~/.fonts
ئىبارىسى ھەر بىر ئىشلەتكۈچى ئۆزىنىڭ باش مۇندەرىجىسىدىكى
.fonts
دىگەن مۇندەرىجىگە شەخسى خەت نۇسخا ھۆججەتلىرىنى قويسا بولىدىغانلىقنى بىلدۇرىدۇ. ئالدىدىكى قۇرلار
سيستىما دائىرسىدە خەت نۇسخا قويىدىغان مۇندەرىجىلەرنى كۆرسۈتىدۇ. fontconfig پىروگىراممىسىنى
بىرىنچى قېتىم قاچىلىغاندا ئادەتتە X كۆزنەك سيستىمىسىنى قايتا قوزغۇتۇش لازىم بولىدۇ. يىلتىز،
يەنى root، ھالەتتە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى بەرسىڭىز X كۆزنەك سيستىمىسى قايتا قوزغۇلىدۇ. توغرا بىجىرىلمىسە
سيستىمىنى قايتا قوزغاتسىڭىزمۇ بولىدۇ:
root% pkill -HUP X
بۇ بۇيرۇقتىن كىيىن سىز TrueType خەت نۇسخىلىرىنى يۇمشاق دىتاللاردا ئىشلىتەلەيسز. تۆۋەندىكى FireFox
تور بەت كۆرگۈچنىڭ ئاپتۇرنىڭ كۆمپيۇتىرىدا يۇلغۇن تور بىكىتىنىڭ باش بىتىنى كۆرۈۋاتقان كۆرۈنۇشى:
يۇقارقى سۈرەتنىڭ چوڭايتىلغان نۇسخىسىنى
بۇ يەردىن
كۆرەلەيسىز.
4. ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسىنى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش
لىنىكىس ۋە باشقا Unix تىپىدىكى سيستىمىلار X كۆزنەك سيستىمىسىنى قوللىنىدۇ.
بۇ خىل سيستىمىلاردا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاپتۇر X كۆزنەك
سيستىمىسى ئۈچۈن كونۈپكا تاختىسى ھۆججىتىنى ئەرەبچە ۋە ئىنگىلىزچە كونۇپكا ھۆججەتلىرىدىن
پايدىلىنىپ يېزىپ چىقتى. بۇ ھۆججەتنى
بۇ يەردىن
چۈشۈرۈڭ.
(uyghur.xkb).
بۇ ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ يىلتىز (root) ھالەتتە بۇ ھۆججەتنى X كۆزنەك سيستىمىسىنىڭ كونۇپكا
مۇندەرىجىسى ئاستىكى symbols دىگەن مۇندەرىجىگە كۆچۈرۈڭ. ئاپتۇرنىڭ لىنىكىس
كومپىيوتىرىدا (Fedora 1، يەنى RedHat9 كىيىنكى نۇسخىسى)
بۇ مۇندەرىجىنىڭ ئورنى تۆۋەندىكىدەك:
/usr/X11R6/lib/X11/xkb
يۇقارقى xkb ھۆججىتىنى چۈشۈرگەندىن كىيىن، تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق يۇقاردا ئېيتىلغان
جايغا كۆچۈرۈڭ:
root% cp uyghur.xkb /usr/X11R6/lib/X11/xkb/symbols/ug
ئۇنىڭدىن كىيىن، تۆۋەندىكى ھۆججەتكە
/usr/X11R6/lib/X11/xkb/rules/xfree86.lst
بۇ بىر قۇرنى قوشۇپ قويۇڭ:
ug Uyghur
ئاپتۇرنىڭ كۆمپىيوتىرىدا بۇ بۆلۈك تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنىدۇ:
...
...
...
tr_f Turkish (F)
ua Ukrainian
ug Uyghur
vn Vietnamese
yu Yugoslavian
...
...
...
بۇنى قوشۇپ بولغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى بىرىپ بولغاندىن كىيىن،
"Ctrl + Shift"
كونۇپكىلىرىنى تەڭ بېسىپ ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىزچە ئارىسىدا كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.
بۇ بۇيرۇقنى بىرلا قېتىم بەرسىڭىز يەنە بىر قېىتم سيستىما ياكى X كۆزنەك سيستىمىسى قايتا قوزغالغىچە
"Ctrl + Shift"
كونۇپكىلىرىنى بېسىپ ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىزچە ئوتتۇرۇسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.
$ setxkbmap -symbols "us(pc101)+ug+group(ctrl_shift_toggle)"
لىنىكىس سيستىمىسىدىكى gedit پىروگىراممىسىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش مىسالىنى
بۇ سۈرەتتىن
كۆرەلەيسىز.
لىنىكىس سيستىمىسىدىكى mlterm پىروگىراممىسىدا تۇرۇپ VIM تەھرىرلىگۈچنى ئىشلىتىپ
ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش مىسالىنى
بۇ سۈرەتتىن
كۆرەلەيسىز.
Fedora Core 5, Fedora Core 6 ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن:
يۇقىرىقى ئۇچۇرلار Fedora Core 1 دىن Fedora Core 4 غىچە بولغان سىستېمىلاردا توغرا ئىشلەيدۇ.
ئەگەر Fedora Core 5 ياكى Fedora Core 6 نى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز تۆۋەندىكى قەدەملەر ئارقىلىق ئۇيغۇرچە
كونۇپكا تاختىسىنى قاچىلىيالايسىز.
ئالدى بىلەن كونۇپكا تاختىسى ھۆججىتىنى
بۇ يەردىن
چۈشۈرۈڭ. چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن، بۇ ھۆججەتنى
/usr/share/X11/xkb/symbols
دېگەن مۇندەرىجە ئاستىغا ug دېگەن ئىسىمدا ساقلاڭ. مەسىلەن:
root% cp uyghur-fc5.xkb /usr/share/X11/xkb/symbols/ug
بايقىغىنىڭىزدەك، Fedora Core 5 ۋە Fedora Core 6 دىكى كونۇپكا تاختىسى قويۇش ئورنى ئۆزگەرگەن.
ئۇنىڭدىن كىيىن تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن ئىنگىلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسىنى Ctrl-Shift بېرىكمە كونۇپكىسى بىلەن ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز:
$ setxkbmap -layout "ug,us" -option "grp:ctrl_shift_toggle"
ئەگەر باشقا بېرىكمە كونۇپكىلىرىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، grp قىسىمىنى مۇۋاپىق ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن ئەگەر Control-Alt بېرىكمە كونۇپكىلىرىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىشلىتىڭ:
$ setxkbmap -layout "ug,us" -option "grp:ctrl_alt_toggle"