خەۋەرلەر
ئۇيغۇرچە تۈرلەر
تەرجىمە تۈرلىرى
ئىزدەش
تارىم تۈرلىرى توغرىسىدا
تارىم تۈرلىرى يۇلغۇن تور بىكىتىدىكى ئۇيغۇرچە ئەمىلى ئىشلىتىلىدىغان تۈرلەرنىڭ بىرلەشمىسى. يۇلغۇن تور بىكىتى بىر قانچە تۈرلەرنى تارقىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، تۈرلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ بۇلارنى باشقۇرۇش، كېڭەيتىش، ۋە ئاممىغا تارقىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمىلى كەمچىلىك ۋە قىيىنچىلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈر ۋە مەزمۇن باشقۇرۇش سيستىمىسى ئىشلىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.
كەلگۈسى پىلان
ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپيوتىردا بىر تەرەپ قىلىش ئالدىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە چوڭ ئىلگىرلەشكە ئىرىشتى. ئەمما ساپ ئۇيغۇرچە ئەمىلى ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دىتاللار تولىمۇ ئاز ھەم ئومۇمى سۈپىتى بىر قەدەر تۆۋەن. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئەھمىيەت بىرىشى يىتەرلىك بولمىغاندىن سىرت، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتاللارنىڭ تەرەققى قىلىشىغا پايدىلىق بولغان بازار شارائىتىنىڭ ناچار بولىشى، يۇمشاق دىتاللارنى تۈزۈدىغان ئۇيغۇر ئىنجىنىرلارنىڭ سانىنىڭ ئازلىقى، ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىش توغرۇلۇق ماتىرىيال ۋە ئۈلگىلەرنىڭ ئازلىقى قاتارلىق نۇرغۇن سەۋەپلەر بۇنىڭغا كۆپ توسالغۇ بولۇپ كەلدى.

يۇلغۇن تور بىكىتىدىكى تارىم تۈر توپلىمى بۇ خىل ھالەتنى مەلۇم دەرىجىدە ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. يۇمشاق دىتال تۈزگۈچىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ھەمكارلىق كۈچەيتىش، يۇمشاق دىتال ياساش تەجرىبىسىنى كېڭەيتىش، كەڭ ئاممىغا قۇلايلىق سيستىملارنى ياساش مەقسەتلىرى بىلەن بۇ تۈرلەرنىڭ مەنبە كودى ھەقسىز ۋە ئاشكارا تارقىتىلىدۇ. پىروگىرامما لايىھىلىگۈچىلەردىن سىرىت تەرجىمە قىلىغۇچىلار، پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى يازغۇچىلار، كومپىيوتىر گىرافىك لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ بۇ تۈرلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتاللارنىڭ سانى ۋە سۈپىتىنى كۆتۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ.

سىز كۆرۈۋاتقان بۇ بەتلەرنى "تارىم تۈر ۋە مەزمۇن باشقۇرۇش سيستىمىسى" ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان. بۇ سيستىما يۇقارقى مەقسەتلەر بىلەن، ساپ ئۇيغۇرچىنى كۆزدە تۇتۇپ باشتىن يېزىپ چىقىلىدى. مەزمۇن كۆرۈش ۋە ئىزدەشتىن باشقا، باشقۇرۇش، تۈر قوشۇش ۋە ئۆزگەرتىش، خەۋەر يوللاش ۋە ئۆزگەرتىش قاتارلىق ھەركەتلەرنى بىۋاستە تور ئۈستىدە ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. چايخانا، تۈر باشقۇرۇش قاتارلىق تۈرلەرنى ياخشىلاشتىن باشقا، تور خاتىرىسى يېزىش، مۇنبەر، مەزمۇنلارغا پىكىر قالدۇرش، ئەزالارغا شەخسى تور بەت ھازىرلەپ بىرىش قاتارلىق بىرقانچە ئىقتىدارلار ھازىر پىلانلانماقتا. بۇ ئارقىلىق كەڭ پىروگىرامما تۈزگۈچىلەرگە ۋە ھەۋەسكارلارغا ئوزئارا ئۈگۈنۈش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش مۈھىتى يارىتىپ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتاللارنىڭ سۈپىتىنى كۆتۈرۈپ، خەلقىمىزگە خىزمەت قىلىش مەقسەت قىلنىدۇ.